ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئېتىۋەتكەن پەلەستىنلىك يەرلىككە قويۇلدى

ئالدىنقى كۈنى ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن پەلەستىنلىك ياش يەرلىككە قويۇلدى.

330365
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئېتىۋەتكەن پەلەستىنلىك يەرلىككە قويۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىنلىك ياشنىڭ نابلۇس شەھىرىدە چۈشۈرۈلگەن جىنازا نامىزىغا يۈزلەرچە كىشى قاتناشتى. جامائەت، 21 ياشلىق رەفىق كامىل رەفىق ئەتتاجنىڭ جىنازىسىنى مۈرىلىرىدە كۆتۈرۈپ، نابلۇس بازىرىدىكى قەبرىستانلىققا ئېلىپ باردى. كىشىلەر ئىنتىقام ئالىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەيدىغان شوئارلارنى توۋلىدى.

پەلەستىنلىك ياش ئالدىنقى كۈنى غەربىي قىرغاقتا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر