تىيەنجىندىكى پارتلاشتا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى كۈنسېرى كۆپەيمەكتە

خىتاينىڭ تىيەنجىن شەھىرىدە مەيدانغا كەلگەن پارتلاشتا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى كۈنسېرى كۆپەيمەكتە.

329103
تىيەنجىندىكى پارتلاشتا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى كۈنسېرى كۆپەيمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ تىيەنجىن شەھىرىدە مەيدانغا كەلگەن پارتلاشقا دائىر رەسمىي سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 112 گە يەتتى، 95 ئادەمنىڭ ھازىرغىچە ئىز – دېرىكى يوق.

ئىگىلىنىشىچە، ئۆلگەنلەرنىڭ 85 ى ئۆت ئۈچۈرۈش خادىمى ئىكەن.

نۆۋەتتە، 40 نەپىرىنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ جەمئىي 700 يارىدار بالنىستلاردا داۋالانماقتا.

پارتلاش يۈ بېرىپ بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، خارابىلىك ئارىسىدىكى بىر يۈك كونتېينىرىدىن 40 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئىشچى يارىدار ھالەتتە قۇتقۇزۇۋېلىندى.

سوغۇتۇش خىزمەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان رايوندا يېڭى ئوت كېتىش ئەھۋاللىرىمۇ كۆرۈلدى. پورت ئەتراپىدىكى پارتلاشتىن كېيىن كېرەكتىن چىققان ئاپتوموبىللار قايتىدىن ئوت ئالدى.

پارتلاشلار 7 مىڭ ئەتراپىدا ئىشچىغا زىيان يەتكۈزدى. ئۆي – ماكانلىرى زىيانغا ئۇچرىغان ئاھالە مەكتەپلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى ۋە ئۇلارغا قايتا ئۇقتۇرۇش قىلىنمىغۇچە ئۆي – ماكانلىرىغا قايتماسلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى.

پارتلاشتىن كېيىن ھاسىل بولغان زەھەرلىك گازلارنىڭ شامال ئارقىلىق ئەتراپقا يېيىلىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر