دائېش ئىچىدىن 120 ئەنگلىيەلىك جاسۇس چىقتى

دائېش ئىچىدىن 120 ئەنگلىيە جاسۇسى چىقىپ قېلىپ، قاتتىق تالاش-تارتىش پەيدا قىلدى.

329636
دائېش ئىچىدىن 120 ئەنگلىيەلىك جاسۇس چىقتى

ئەنگلىيە خان جەمەتى دائېش ئىچىدىن 120 ئەنگلىيەلىك جاسۇسنىڭ چىقىشى ھەققىدە توختىلىپ، «ئۇلار ئۇچۇر مەلۇمات يىغىش ئۈچۈن تەشكىلاتقا سوقۇنۇپ كىردى» دەپ بايانات ئېلان قىلدى. جاسۇسلۇق قىلغان بۇ 120 جاسۇسنىڭ نېمە ئۈچۈن ھەممىسىنىڭ بىر ۋاقىتتا بىر يەردە ئىكەنلىكىنى ھېچكىم چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىدى.
بۇ ئەھۋال دائېشنىڭ كەينىدە ئەنگلىيەنىڭ قولى بارلىقى ھەققىدىكى گۇمانلارنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى. ئامېرىكىنىڭ دائېشقا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلىرىدە، ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ ئەڭ سەر خىل قىسىملىرى ھېسابلىنىدىغان ساس (ئالاھىدە ھەربىي قىسىم ئەترىتى) «ئەسكەرلىرى»نىڭمۇ بومباردىمان قىلىنىشى، ئىنگىلىزلەرنىڭ دائېش بىلەن چېتىشلىق ئىكەنلىكى ھەققىدىكى قاراشلارنى تېخىمۇ قۇۋەتلەندۈردى.
ئەنگلىيەدە چىقىدىغان Express گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردە كۆرسىتىلىشچە، دائېش بازىلىرىنى بومباردىمان قىلغان ئامېرىكا ئايروپىلانلىرى، دائېش بازىلىرىدىن ئۇچۇر تاپشۇرۇپ ئالغان. ئۇچۇردا ئۆزلىرىنىڭ ئەنگلىيەنىڭ ئەڭ سەر خىل ھەربىي قىسىملىرى ھېسابلىنىدىغان ساس (ئالاھىدە ھەربىي قىسىم ئەترىتى)ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئەسكەرلەر، ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان جايلارنىڭ بومباردىمان قىلىنماسلىقىنى تەلەپ قىلغان. بۇ ئەسكەرلەرنىڭ توغرا مەلۇمات بەرگەنلىكى ھەم ئەنگلىيە ھەمدە ئامېرىكا ئارمىيەسىگە تەۋە UAVكامېرا سىستېمىلىرى بىلەن ئېنىقلاندى ، دېگەندەك ئامېرىكا ئايروپىلانلىرى ئەنگلىيە «ئەسكەرلىرى» تۇرۇۋاتقان بازىلارنى بومباردىمان قىلمىغان. بىراق بۇئىشنىڭ مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنىشى بىلەن قاتتىق تالاش-تارتىش پەيدا بولدى. 120 ئەنگلىيە جاسۇسنىڭ دائېش سېپىدا بولۇشى ھەممىنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغاپ قاتتىق گۇمان پەيدا قىلدى.
ئەنگلىيە ئارمىيەسى بۇ ھەقتە توختىلىپ، «ئەسكەرلىرىمىز دائېش سېپىدا تۇرۇپ ئۇرۇش قىلمايۋاتىدۇ، بەلكى دائېشقا قارشى كۈرەش قىلماقتا» دەپ بايانات بەردى. بىراق 120 ئەنگلىيە جاسۇسنىڭ دائېشچىلاردەك ياسىنىۋېلىشى ئەنگلىيەنىڭ باياناتىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. ئارقىدىن خان جەمەتىنىڭ تاراتقۇلىرى ھەرىكەت ئۆتتى.
سۇن، مىررورغا ئوخشاش تاراتقۇلار 120 ئەسكەرنىڭ جاسۇس سۈپىتىدە دائېش سېپىغا قوشۇلۇپ مۇھىم ئۇچۇرلارنى قولغا چۈشۈرگەنلىكلىرىنى ئىلگىرى سۈردى. بىراق جاسۇسلۇق قىلغان بۇ 120 كىشىنىڭ نېمە ئۈچۈن بىرلا ۋاقىتتا بىر يەردە ئىكەنلىكى ھازىرچە نامەلۇم. ئەنگلىيە ئارمىيەسى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللىرى بۇنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ بايانات ئېلان قىلغان بولسىمۇ، خان جەمەتى بىلەن باش مىنىستىرى دېيۋىد كامېرۇن بۇ ھەقتە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.
يەنە دائېش ئىچىدىكى ئەنگلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ پەقەت 120 ئەمەسلىكى، تەخمىنەن 800 كىشىلىك ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكەت قىسمى خادىملىرىنىڭمۇ دائېش سېپىدا تۇرۇپ باشقا كۈچلەرگە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
سابىق جاسۇس ئېدۋارد سىنوۋدېن دائېشنىڭ كەينىدە ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە ئىسرائىلىيە ئىستىخبارات ئىدارىلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى. ھەر ئاي ئەنگلىيەدىن تەخمىنەن 200 كىشىنىڭ دائېش سېپىغا قوشۇلىدىغانلىقى، تەشكىلات ئىچىدىكى ئىنگىلىزلەرنىڭ سانىنىڭ 7000گە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. 3000 ئەنگلىيەلىك قىزنى سۈرىيەگە ئېلىپ كەلگەن كىشىنىڭ ئەل رەشىت ئىسىملىك كانادا ۋە ئەنگلىيە جاسۇس ئىكەنلىكى پاش بولدى. باش كېسىش ۋىدىئولىرىدا جاللات دەپ تونۇلغان ۋە دائېشنىڭ ئەڭ مەشھۇر ئەزالىرىدىن بولغان جىھاتچى جوننىڭ سابىق ئەنگلىيە جاسۇس ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر