دائېش دىققىتىنى سىرتەگە مەركەزلەشتۈردى

دائېش، لىۋىيەنىڭ سىرتە شەھىرىنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ھۇجۇملىرىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇردى.

329165
دائېش دىققىتىنى سىرتەگە مەركەزلەشتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى لىۋىيەنىڭ سىرتە شەھىرىنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ھۇجۇملىرىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇردى. توقۇنۇشلاردا 200 ئەتراپىدا ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا.

دائېش تېررورچىلىرى سىرتە شەھىرىدە 12 ئادەمنى ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈپ، كىرىسقا ئاستى.

تېررورچىلار بىر دوختۇرخانىغا ھۇجۇم قىلىپ، داۋالىنىۋاتقان 22 ئادەمنى ئېتىۋەتتى ۋە ئارقىدىنلا بىناغا ئوت قويۇپ بەردى. شەھەردىكى سەيشەنبە كۈنى باشلانغان توقۇنۇشلار بارغانچە كۈچەيمەكتە.

لىۋىيەنىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى، كىشىلەرنىڭ ئۆي – ماكانلىرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقى، ئۆيلەردىكى كىشىلەرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، شەھەردە قەتلىئام يۈز بېرىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

تىرابلۇس ھۆكۈمىتىمۇ دائېشنىڭ قارارگاھلىرىنى بومباردىمان قىلىش ئارقىلىق تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان گۇرۇپپىلارغا ياردەم قىلماقتا.

سىرتە شەھىرىدىكى توقۇنۇشلار دائېشنىڭ مۇشۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا نوپۇزلۇق بىر قەبىلىگە مەنسۇپ بىر ئىمامنى ئۆلتۈرۈۋېتىشىدىن كېيىن ئۇلغىيىپ كەتكەنىدى.

لىۋىيەدىكى دىنىي زاتلارنىڭ بىر قىسمى پەتىۋا ئېلان قىلىپ، قورال تۇتالايدىغان بارلىق كىشىلەرنى دائېشقا قارشى ئۇرۇش قىلىشقا چاقىرغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر