ئامېرىكا - كوبا مۇناسىۋەتلىرى يېڭى باسقۇچقا كىردى

جون كېررىي كوبادا ئارىدىن 54 يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۈنجى قېتىم ئىش باشىلىغان ئامېرىكا باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئېچىلىش لېنتىسىنى كەستى.

328379
ئامېرىكا - كوبا مۇناسىۋەتلىرى يېڭى باسقۇچقا كىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا - كوبا مۇناسىۋەتلىرىگە نىسبەتەن تۈنۈگۈن تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر كۈن بولدى.
كوبا ئارىدىن 60 يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۈنجى قېتىم ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىينى كۈتۈۋالدى.
جون كېررىي كوبادا ئارىدىن 54 يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۈنجى قېتىم ئىش باشىلىغان ئامېرىكا باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئېچىلىش لېنتىسىنى كەستى.
سېمۋول خاراكتېرلىك يېڭىلىقلارغا تولغان بۇ مۇراسىم كوبادىكى سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ داستانلاشقان رەھبىرى فىدېل كاستىرونىڭ توغۇلغان كۈنىدىن بىر كۈن ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلدى.
ئامېرىكا ئەلچىخانىسى 1961 – يىلى تاقىۋىتىلگەن ۋە بايرىقى چۈشۈرۈۋېتىلگەن بولۇپ، بۇ قېتىم بايراق 3 ئامېرىكا ئەسكىرى تەرىپىدىن قايتىدىن تىكلەندى.
مۇراسىمدىن كېيىن جون كېررىي مەنسەپدىشى بىرۇنو رودرىگېز بىلەن مۇنبەرگە چىقتى ئەمدىلىكتە كونا ھاكىمىيەت سىستىمېلىرىنىڭ ئەمەلدىن قالغانلىقىنى ئېيتتى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ كۇبادىكى ھاكىمىيەت سىستېمىسىغا بولغان نارازىلىقىنى يوشۇرماستىن ئاشكارا تىلغا ئالدى.
كۇبا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىرۇنو رودرىگېز بولسا، كۇبانىڭ ھەر قانداق مەسىلىنى مۇزاكىلىشىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىراق ھەممىلا مەسىلىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا مەجبۇر ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر