ئىتتىپاقداش قىسىملار دائېشقا شىددەتلىك ھۇجۇم قىلدى

باياناتتا، ئىتتىپاقداش قىسىملارنىڭ سۈرىيەدە 6 قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بارغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

319006
ئىتتىپاقداش قىسىملار دائېشقا شىددەتلىك ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش قىسىملار تېررولۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە سۈرىيە ۋە ئىراقتا ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى.
تەبىئىي قەتئىلىك ھەرىكىتى، بىرلەشمە ئورتاق ۋەزىپە قىسمى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىتتىپاقداش قىسىملارنىڭ سۈرىيەدە 6 قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بارغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ھەلەپ ۋە دەيرۇززور ئەتراپىغا 2 قېتىمدىن ھەسەكە ۋە ئاين ئەيسا ئەتراپىغا بىر قېتىمدىن ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىپ، دائېشنىڭ تېخنىكىلىق قىسملىرى ۋە ئۇرۇش بازىلىرىنى بومباردىمان قىلدى.
دائېشنىڭ ئىراقتىكى نىشانلىرىغىمۇ 9 قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىلدى.
ھۇجۇملار ھۇۋەيجەن فوللۇجە، ماھمۇر، مۇسۇل، رامادى ۋە سىنجار ئەتراپىدا ئېلىپ بېرىلدى.
تەبىئىي قەتئىلىك ھەرىكىتى بىرلەشمە ئورتاق ۋەزىپە قىسمى قوماندانلىرىدىن پالكوۋنىك ۋەينە ماروتتو، ئىتتىپاقداش قىسىمنىڭ بۇ ھەپتە ي پ گ قوراللىق كۈچلىرى بىلەن ھەمكارلاشقان شەكىلدە ھەسەكە ئەتراپىغا جەمئىي 15 قېتىم ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ماروتتو «بۇ ھاۋا ھۇجۇمى دائېشقا قاقشاتقۇچ زەربە بولدى. ۋە ي پ گ قىسىملىرىنىڭ شەھەرنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمىنىڭ كونتروللۇقىنى تارتىۋېلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر