ئىراقتا ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

نامايىشچىلار چىرىكلىك بىلەن ئەيىبلەنگەن مەسئۇللارنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشىنى تەلەپ قىلدى.

318984
ئىراقتا ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ پايتەختى باغداتتا ئون مىڭلىغان كىشى ئېلېكتىر يېتىشمەسلىكى ۋە باشقا ساھەلەردىكى مۇلازىمەتلەرنىڭ يېتەرسىزلىكىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.
تەھرىر مەيدانىغا توپلاشقان نامايىشچىلار قوللىرىدا ئىراقنىڭ بايرىقىنى كۆتۈرۈشكەن ھالدا ھۆكۈمەتكە قارشى شوئارلارنى توۋلىدى.
نامايىشچىلار چىرىكلىك بىلەن ئەيىبلەنگەن مەسئۇللارنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشىنى ۋە باش مىنىتىر ھەيدەر ئەل ئابادىنىڭ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش تەلەپلىرنىڭ ئىشقا ئېشىشى ئۈچۈن تېزراق ھەرىكەتكە ئۆتۈش كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.
نامايىشچىلار تەلەپلىرى تولۇق ئورۇندالغانغا قەدەر ھەپتىنىڭ ھەر جۈمە كۈنى تەھرىر مەيدانىدا نامايىش ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر