ئەرەبلەر: كۆچمەن يەھۇدىيلار تېررورلۇق تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلسۇن

ئەرەب تىنچلىق تەشەببۇسكارلىرى كومىتېتى مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەدە يىغىن چاقىرىپ، كۆچمەن يەھۇدىيلارنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشىنى تەلەپ قىلدى.

317052
ئەرەبلەر: كۆچمەن يەھۇدىيلار تېررورلۇق تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلسۇن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرەب تىنچلىق تەشەببۇسكارلىرى كومىتېتى، مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەدە يىغىن چاقىرىپ، كۆچمەن يەھۇدىيلارنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشى ۋە ئەزالىرىنىڭ خەلقئارا مەھكىمىلەردە سوتلىنىشى ئۈچۈن كۈچ سەرپ قىلىنىشى توغرىسىدا چاقىرىق ئېلان قىلدى.

يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان خۇلاسە دوكلاتىدا، كۆچمەن يەھۇدىيلارنىڭ خەلقئارالىق مەھكىمىلەردە سوتلىنىشى ئۈچۈن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە تەقدىم قىلىش مەقسىتىدە قارار لايىھەسى تەييارلاپ چىقىش خىزمەتلىرىنىڭ باشلىنىشىنىڭ قارار قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس، 30- ئىيۇلدا نابلۇس شەھىرىدە 18 ئايلىق بىر بوۋاقنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئوت قويۇپ بېرىش ۋەقەسىنىڭ جاۋابكارلىرىنىڭ ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ۋاقتىدا قولغا چۈشۈرۈلۈپ، سوتلىنىشىنى تەلەپ قىلدى.

يىغىندا يەنە، پەلەستىنلىكلەر مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتى تەشكىل قىلىشقا چاقىرىلدى.

ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باش كاتىپى نەبىل ئەلئەرەبىمۇ، ب د ت نىڭ پەلەستىنلىكلەرنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا كۈچ تەشكىل قىلىشى كېرەكلىكىنى قەيت قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر