ئىراقلىقلار نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى

ئىراقنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان مەيسان ۋىلايىتىدە تىمپېراتورانىڭ ئۆرلەپ كېتىشى بىلەن تەڭ توكنىڭمۇ توختاپ كېتىشى خەلقنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى.

315621
ئىراقلىقلار نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان مەيسان ۋىلايىتىدە توك توختاپ كېتىش ئەھۋاللىرىنىڭ دەرھال بىتەرەپ قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغان ئىراقلىقلار، ھۆكۈمەتنى خىزمەتلەرنى راۋاجلاندۇرۇشقا چاقىردى. ھۆكۈمەت ۋە مەجلىس ئەزالىرىنى ‹ئوغرىلىق قىلىش› بىلەن ئەيىبلىگەن نامايىشچىلار، چىرىكلىك قىلمىشى سادىر قىلغان ئەمەلدارلارنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىنىپ تاشلىنىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەلئابادى، نېفىت باھاسىدىكى تۆۋەنلەش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىقتىسادىي كىرىزىسنىڭ ئىراققا ھەر جەھەتتىن تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە ئىشتىن توختاپ كەتكەن ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنىڭ رېمونت قىلىنىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى توغرىسىدا توك – ئېلېكتىر مىنىستىرلىقىغا يوليۇرۇق چۈشۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر