گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان 71 كىشى قۇتقۇزۇپ قىلىندى

نېگىرىيە ئارمىيەسى بوكو ھارام تەشكىلاتى تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان 71 كىشىنى قۇتقۇزۇۋالدى.

309420
گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان 71 كىشى قۇتقۇزۇپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باكو ھارام تەشكىلاتىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەر جەريانىدا نېگىرىيە ئارمىيەسى تەشكىلات تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان ئايال ۋە كىچىك بالىلار بىلەن قوشۇلۇپ جەمئىي 71 كىشىنى قۇتقۇزۇۋالدى.
گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان كىشىلەر پايتەخت مايدۇگۇرىنىڭ شىمالىدا 35 كېلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى كوندۇگا رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەت جەريانىدا ئەركىنلىكلىرىگە ئېرىشتى.
گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان كىشىلەر قانچىلىغان كۈنلەردىن بۇيان تاماق يېمىگەنلىكلىرىنى ۋە بوكو ھارام تەشكىلاتىنىڭ ئالدىنقى ھەپتە ئازلىرىنى تۇتۇپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى.
نېگىرىيە ئارمىيەسى ئالدىنقى ھەپتىمۇ بوكو ھارام تەشكىلاتى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان 51 كىشىنى ھەربىي ھەرىكەت ئارقىلىق قۇتقۇزۇۋالغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر