خىتاي: بېيجىڭ بىلەن ئەنقەرە خەۋپسىزلىك مەسىلىسىدە ھەمكارلىشىدۇ

خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جاڭ مىڭ چارشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ، ئەنقەرە بىلەن بېيجىڭنىڭ تېررورىزم ۋە ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە قارشى تۇرۇش بويىچە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

308667
خىتاي: بېيجىڭ بىلەن ئەنقەرە خەۋپسىزلىك مەسىلىسىدە ھەمكارلىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جاڭ مىڭ چارشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ، ئەنقەرە بىلەن بېيجىڭنىڭ تېررورىزم ۋە ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە قارشى تۇرۇش بويىچە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جاڭ مىڭ چارشەنبە كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بېيجىڭدىكى ئۇچرىشىشىدىن كېيىن بايانات بېرىپ، «خەۋپسىزلىك ۋە قانۇننى ئىجرا قىلىش جەھەتتە ھەمكارلىق ئورنىتىش ئىككى دۆلەت ئۈچۈن مۇھىم، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش توغرىسىدا كېلىشتى» دېدى. لېكىن، ئىككى دۆلەت رەھبىرى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بۇ مەسىلە ھەققىدە توختالمىدى.

شى جىنپىڭ ئەردوغانغا «بىز دائىم نۇقتىلىق مەسىلىلەردە تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ بىر – بىرىگە ھەمدەم بولۇش ۋە بىزنى بىر يەرگە جەم قىلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى مۇھىم دەپ قارايمىز» دېدى.

جاڭ مىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئەردوغاننىڭ شى جىنپىڭغا «تۈركىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنى تېررورلۇق جامائىتى، دەپ قارايدىغانلىقى» ۋە «ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ تۈركىيە زېمىنلىرىدىن خىتاينىڭ مەنپەئەتى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش ئۈچۈن پايدىلىنىشىغا قەتئىي يول قويمايدىغانلىقى» نى ئېيتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنى ئۇيغۇرلارنى قايتىپ كېلىپ ئۇيغۇر ئېلىدە زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلىش مەقسىتىدە تۈركىيە ئارقىلىق سۈرىيە ۋە ئىراققا ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر