تويدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بەردى

ئافغانىستاندا بىر توي ئەسناسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 21 ئادەم ئۆلدى، 10 ئادەم يارىلاندى.

385237
تويدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ شىمالىغا جايلاشقان باغلان ئۆلكىسىدە مەيدانغا كەلگەن ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تويغا كەلگەن مېھمانلار ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى. توقۇنۇشنىڭ ئارىسىدا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان چۈشىنىشمەسلىك بار ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

400 دەك مېھمان چاقىرىلغان توي ئۆيىنىڭ توقۇنۇشتىن كېيىن قان كۆلىگە ئايلىنىپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر