مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ يەنە 44 ئەزاسى قولغا ئېلىندى

مىسىر ساقچىلىرى مۇسۇلمان قېرىنداش تەشكىلاتى شۆبىلىرىگە ھەرىكەت قوزغاپ نۇرغۇن كىشىنى تۇتقۇن قىلدى.

385184
مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ يەنە 44 ئەزاسى قولغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىرنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەردە، مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىغا ئەزا 44 كىشى «دۆلەت ۋە خۇسۇسىيلار ئىگىدارچىلىقىدىكى ئورۇنلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋە زوراۋانلىق قىلمىشلىرىغا قاتنىشىش» قاتارلىق قىلمىشلار بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىندى.
مىسىر ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەل غاربىييە ۋە ئەل مىنيە شەھەرلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە «زوراۋانلىققا تەشۋىق قىلىش، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش، رۇخسەتسىز نامايىش قىلىش ۋە خەلقنى قورقۇتۇش» قاتارلىق ئەيىبلەشلەر بىلەن نۇرغۇن مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى ئەزاسى قولغا ئېلىنغان.
مىسىردا سايلام بىلەن ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن پىرزىدېنت مۇھەممەد مۇرسىنىڭ 2013-يىلى 3-ئىيۇلدا ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش نەتىجىسىدە ئاغدۇرۇپ تاشلىنىشىدىن بۇيان، مىسىر ھاكىمىيىتى مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى ئەزالىرىنى «زوراۋانلىق ۋە تېررورىزمغا تەشۋىق قىلىش بىلەن» ئەيىبلەپ كەلمەكتە. تەشكىلات 2013-يىلى 25-دېكابىردا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئېلان قىلىنغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر