ئىسرائىلىيە پەلەستىندە يەنە قان تۆكتى

ئىسرائىلىيە ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا بىر ئادەمنى بالىسىنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئېتىۋەتتى.

384265
ئىسرائىلىيە پەلەستىندە يەنە قان تۆكتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا بىر كىشىنى ئۆلتۈردى.
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا پەلەستىنلىك بىر بالىنى ئۆيىدىن ئېلىپ چىقىپ كېتىش ئەسناسىدا، ئۇ بالىنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئاتىسىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى.
نەق مەيداننى كۆرگۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بەيت ئەمر رايونىدا ھامدى ئەبۇ مارىيەنىڭ ئۆيىگە، بالىلىرىدىن بىرىنى تۇتۇش ئۈچۈن بېسىپ كىرگەن.
ئەسكەرلەرنىڭ ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە ئەبۇ مارىيە ئۆلگەن. ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا جەنىن شەھىرىگە يېقىن جايلاردا، تۈنۈگۈنمۇ ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە يارىلانغان بىر پەلەستىنلىك ئۆلگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر