ياۋروپا ئىتتىپاقى تۇنىسقا ياردەم بېرىدۇ

ياۋروپا ئىتتىپاقى تۇنىسقا تېررورلۇققا قارشى كۈرۈش ئۈچۈن ياردەم بېرىدىغان بولدى.

383120
ياۋروپا ئىتتىپاقى تۇنىسقا ياردەم بېرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ياۋروپا ئىتتىپاقى تۇنىسقا تېررورلۇققا قارشى كۈرۈش ئۈچۈن ياردەم بېرىدىغان بولدى.
تۇنىس باش مىنىستىرى ھەبىب ئەس سەيىد، بىريۇسسېلدە ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى.
تۇنىس باش مىنىستىرى ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئاخباراتچىلارغا بەرگەن باياناتىدا، تۇنىس بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشتە قەتئىي ئىرادىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
تۇنىس باش مىنىستىرى سەيىد، تېررورلۇققا قارشى كۈرەش مەسىلىسىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۇنىسقا ياردەم بېرىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن رەخمەت ئېيتتى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى فېدىرىكا مۇغېرىنىمۇ تۇنىس بىلەن ھەمكارلىققا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تۇنىسقا قىلىنىۋاتقان ئىقتىسادىي ياردەملەرنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە ئىككى ھەسسە ئاشۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلىدى.
فېدىرىكا مۇغېرىنى تۇنىسقا قىلىنىدىغان ئىقتىسادىي ياردەملەرنىڭ تېخىمۇ ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
فېدىرىكا مۇغېرىنى دېموكراتىك ئىسلاھاتلارنىڭ داۋاملىشىشى كېرەكلىكى ھەققىدە ئالاھىدە چاقىرىقتا بولدى ۋە تۇنىس باش مىنىستىرىگە «قېيىنچىلىققا يولۇققان مەزگىللەردە بىزگە ئىشەنسىڭىز بولىدۇ» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر