ياۋروپا دۆلەتلىرى نۇرغۇن كۆچمەننى قوبۇل قىلىدىغان بولدى

ياۋروپا دۆلەتلىرى نۇرغۇن قانۇنسىز كۆچمەننى قوبۇل قىلىشتا بىردەكلىك ھاسىل قىلىشتى.

383068
ياۋروپا دۆلەتلىرى نۇرغۇن كۆچمەننى قوبۇل قىلىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقدېڭىزدا ئىزچىل يۈز بېرىپ كېلىۋاتقان كۆچمەنلەر تىراگېدىيەسى ياۋروپانى ھەرىكەتلەندۈردى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىرى بىلەن شەنگەن دۆلەتلىرى 22504 كۆچمەننى قوبۇل قىلىشتا بىردەكلىك ھاسىل قىلىشتى.
كۆچمەنلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى سىرتىدىكى مۇساپىرلار لاگېرىدا ياشاۋاتقان سۈرىيەلىكلەر ئارىسىدىن تاللىنىشى تەخمىن قىلىنماقتا. ئەڭ كۆپ كۆچمەننى نورۋېگىيە قوبۇل قىلىدىغان بولدى.
فىرانسىيەدىن ئەنگلىيەگىچە، لىتۋانىيەدىن بۇلغارىيەگىچە بولۇپ نۇرغۇن ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى كۆچمەن قوبۇل قىلىدۇ. ياۋروپاغا كېلىپ بولغان 32000دەك كۆچمەنمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىرى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدۇ.
گېرمانىيە 10500كۆچمەننى، فىرانسىيە بولسا 6752 كۆچمەننى قوبۇل قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئىتالىيە ساھىل بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئاقدېڭىزدا قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى ئېلىپ ماڭغان بىر كېمىنى قولغا چۈشۈردى. نەتىجىدە ئافرىقىدىن كەلگەن 600دەك قانۇنسىز كۆچمەن دېڭىزغا غەرق بولۇشتىن قۇتۇلۇپ قالدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر