بىرلەشمە كۈچلەر ئەدەن ئايرودرۇمىنىڭ كونتروللۇقىنى قولغا كىرگۈزدى

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە كۈچلەر، يەمەننىڭ جەنۇبىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئەدەن ئايرودۇرۇمىنى ھۇسىي شىئەلىرىدىن قايتۇرۇۋالدى.

380786
بىرلەشمە كۈچلەر ئەدەن ئايرودرۇمىنىڭ كونتروللۇقىنى قولغا كىرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۇسىي كۈچلىرى ئەدەننىڭ دېڭىز قىرغىقىدىكى تار بىر يەرگە قاپسىلىپ قالدى. ئەدەننىڭ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە شىئە كۈچلىرىدىن پۈتۈنلەي تازىلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

بۇ جەرياندا 40 يۈك ماشىنىسىغا بېسىلغان ياردەم ئەشياسى تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدا كۈنلەرچە ساقلاپ تۇرغاندىن كېيىن نىھايەت ئەدەنگە يېتىپ باردى.

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە كۈچلەرنىڭ پايتەخت سانئاغا قاراتقان ھاۋا ھۇجۇملىرى تۈنۈگۈن پۈتۈن بىر كۈن بويىچە داۋام قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر