گىرېتسىيە IMF قا بولغان قەرزىنى يەنە قايتۇرالمىدى

گىرېتسىيە 13-ئىيۇلدا ۋاقتى توشىدىغان خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىغا بولغان قەرزىنى يەنە قايتۇرۇلماىدى.

380240
گىرېتسىيە IMF قا بولغان قەرزىنى يەنە قايتۇرالمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى گىرېتسىيەنىڭ ۋاقتى 13-ئىيۇلدا توشىدىغان قەرزىنى قايتۇرمىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى باياناتچىسى گېررىي رايىس بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، گىرېتسىيەنىڭ تەخمىنەن 456 مىليون ياۋرو قەرزىنى قايتۇرمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئافېنا ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم قايتۇرمىغان قەرزىسى قوشۇلۇپ، جەمئىي قايتۇرمىغان قەرزسى 2 مىليارد ياۋروغا يەتتى.
خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى تەشكىلىي ھەيئەت كېڭىشى گىرېتسىيەنىڭ 30-ئىيۇنغىچە قايتۇرۇشى كېرەك بولغان قەرزنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىش تەلىپىنى كېلەر ھەپتە مۇزاكىرە قىلىدۇ.
گىرېتسىيە 30-ئىيۇندا 1 مىليارد 500 مىليون ياۋرۇلۇق قەرزىنى قايتۇرالماي، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىغا قەرزىنى ۋاقتىدا قايتۇرمىغان تۇنجى تەرەققىي تاپقان دۆلەت بولۇپ قالدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر