بىرلەشمە قىسىم، دائېشنى بومباردىمان قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

بىرلەشمە قىسىم، دائېشنىڭ ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى پاناگاھلىرىنى بومباردىمان قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

380106
بىرلەشمە قىسىم، دائېشنى بومباردىمان قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدىكى ھاۋا ھۇجۇمىدا تەشكىلاتنىڭ ئىككى رەھبىرى ئۆلدى.

سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ دائېشنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى ئەلباب شەھىرىگە قاراتقان ھاۋا ھۇجۇمىدىمۇ، بالىلار قوشۇلۇپ جەمئىي 23 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ۋارىل بومبىسى ئىشلىتىلگەن مەزكۇر ھۇجۇمدا يەنە، 40 تىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىراق ئارمىيەسى بولسا، دائېشنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى ئەنبار ۋىلايىتىنى قايتۇرۇۋېلىش مەقسىتىدە ھەربىي ھەرىكەت باشلىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر