ئۇكرائىنانىڭ غەربىدە توقۇنۇش يۈز بەردى

ئۇكرائىنانىڭ غەربىدە ساقچىلار بىلەن يېڭىچە ناتسىستلار گۇرۇھى ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى.

379481
ئۇكرائىنانىڭ غەربىدە توقۇنۇش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنانىڭ غەربىدە يېڭىچە ناتسىستلار گۇرۇھ بىلەن ساقچىلار توقۇنۇشۇپ، 2 ناتسىست گۇرۇھى ئەزاسى ئۆلدى.
ئۇكرائىنانىڭ پولشا ۋە ۋېنگىرىيە چىگرىسىغا جايلاشقان مۇكھاچېۋو شەھىرىدە يېڭىچە ناتسىستلار گۇرۇھى ئەزالىرى، ئاپتوماتىك قوراللار ۋە روكېتلار بىلەن بىر پارلامېنت ئەزاسىنىڭ تەنتەربىيە كۇلۇبىغا ھۇجۇم قىلدى.
ساقچىلار ۋەقەدىن خەۋەر تېپىپ دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتتى، ناتسىستلار گۇرۇھى ئەزالىرى 2 ئاپتوموبىلغا ئوت قويۇۋەتتى، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ 2 نەپەر ناتسىست گۇرۇھى ئەزاسى ئۆلدى.
ئورمانلىققا قاچقان يېڭىچە ناتسىستلار گۇرۇھى ئەزالىرى قوراللىرىنى تاشلاپ تەسلىم بولۇشنى رەت قىلدى.
مۇكھاچېوۋ شەھىرىدە توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا، شەھەرگە تۇتۇشىدىغان يوللار قاتناشقا توسۇۋېتىلدى. يەنە بىر ئىرقچى پارتىيە ئەزالىرىمۇ كىيىۋدە نامايىش ئۆتكۈزدى، ئىگىلىنىشىچە، ئۇلار مۇكھاچېۋوغا زاپاس كۈچ ئەۋەتكەنلىكلىرىنى ئۇقتۇرغان.
ئىرقچىلار ئىچكى ئىشلار مىنسىتىرىنىڭ ئىستېپا بېرىشىنى ۋە ئۆزلىرى بىلەن توقۇنۇشقان ساقچىلارنىڭ جازاغا تارتىلىشىنى تەلەپ قىلماقتا.
ئۇكرائىنادا يانۇكوۋىچ ھاكىمىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇۋېتىلىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان ئوڭچىللار پارتىيەسى، ھاكىمىيەت ئۆزگەرگەن بولسىمۇ ھازىرغىچە قورال تاشلاشنى رەت قىلماقتا.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئوڭچىللار پارتىيەسىنى پۇقرالارنى قاچۇرۇپ قىيىن-قىستاق قىلىش ۋە ئەسىر ئېلىش بىلەن ئەيىبلەپ كەلمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر