گىرېتسىيە خەلقى ياۋروپانىڭ شەرتلىرىگە «ياق» دېدى

گىرېتسىيە خەلقىنىڭ %60 ى ياۋروپانىڭ قايتىدىن قەرز بېرىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەقسىتىدە ئوتتۇرىغا قويغان «كەمەر چىڭىتىش» شەرتلىرىنى رەت قىلدى.

333875
گىرېتسىيە خەلقى ياۋروپانىڭ شەرتلىرىگە «ياق» دېدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيەدە تىزىمغا ئېلىنغان 9 مىليون 855 مىڭ سايلىغۇچىنىڭ %65 ى بېلەت تاشلىغان رېفېراندۇمدا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ قۇتقۇزۇش پىلانى رەت قىلىندى. تۈركلەر زىچ توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان غەربىي تراكيادىمۇ %67 رەت ئاۋازى چىقتى. نەتىجىلەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، رەت ئاۋازى بەرگەنلەر كوچىلارغا چىقىپ غەلىبىسىنى تەبرىكلىدى.
بېلەت تاشلاشتىن بۇرۇن خەلقنى رەت قىلىشقا چاقىرغان گىرېتسىيە باش مىنىستىرى ئالېكسىس چىپراس، نەتىجىلەرنىڭ دېموكراتىيەگە تەھدىت پەيدا قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ گىرېتسىيە خەلقىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەمەس، بەلكى قۇتقۇزۇش پىلانىغا «ياق» دېگەنلىكىنى ئېيتتى ۋە مەسىلىنى ئادىل شەكىلدە ھەل قىلىش ئۈچۈن مۇزاكىرەلەرنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
نەتىجىلەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، چوڭ ئۆكتىچى پارتىيە ھېسابلىنىدىغان يېڭى دېموكراتىيە پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ئاندونىس ساماراس ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى.
گېرمانىيە ۋە فىرانسىيە رەھبەرلىرى گىرېتسىيە رېفېراندۇمىدىن چىققان نەتىجىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ياۋرو رايونىنىڭ رەھبەرلىرىنى سەيشەنبە كۈنى (7 – ئىيۇل) يىغىنغا چاقىردى. گېرمانىيە باش مىنىستىرى بىلەن فىرانسىيە پىرېزىدېنتى بۈگۈن (6 – ئىيۇل) پارىژدا ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزىدۇ.
ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى گىرېتسىيە خەلقىنىڭ قارارىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر