ئامېرىكا گۇانتانامونى تاقىۋېتىش يولىدا مۇھىم قەدەم تاشلىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، گۇانتانامو تۈرمىسىنىڭ تاقىۋېتىلىشى يولىدا مۇھىم قەدەم تاشلىدى.

327297
ئامېرىكا گۇانتانامونى تاقىۋېتىش يولىدا مۇھىم قەدەم تاشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررى، بۇ ئىشقا يېتەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن ئىلگىرى دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دۆلەت ھالقىغان خەۋپلەر ئىشلىرى دىرېكتورى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن ئادۋوكات لى ۋولوسكىينى ئالاھىدە ۋەكىللىككە تەيىنلىدى.

كېررى ۋولوسكىينىڭ گۇانتانامو تۈرمىسىنىڭ ۋاقتىدا تاقىۋېتىلىشى يولىدا ئىشلىنىدىغان دىپلوماتىك خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ۋولوسكىي، مەھبۇسلارنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە يۆتكىلىشى ۋە قايتۇرۇپ بېرىلىشىدىن سىرت، دۆلىتىگە قايتۇرۇلمايدىغان مەھبۇسلارنىڭ ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا بىۋاسىتە مۇزاكىرىلەرنى ئۆتكۈزىدۇ.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى گۇانتانامونى تاقىۋىتىش خىزمەتلىرىنىڭ سۈرئىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىككى ئالاھىدە ۋەكىل تەيىنلەنگەن بولسىمۇ، تۈرمىدە ھېلىھەم 100 دىن ئارتۇق مەھبۇس بار.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر