كرىس كرىستىې: ئامېرىكىنىڭ پىرېزىدېنت نامزات نامزاتى بولدۇم

كرىس كرىستىې، 2016 – يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلاملىرى ئۈچۈن جۇمھۇرىيەتچى پارتىيەدىن نامزات نامزاتى بولغانلىقىنى جاكارلىدى.

327198
كرىس كرىستىې: ئامېرىكىنىڭ پىرېزىدېنت نامزات نامزاتى بولدۇم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا نيۇ جېرسېي ئىشتاتىنىڭ ۋالىيسى كرىس كرىستىې، 2016 – يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلاملىرى ئۈچۈن جۇمھۇرىيەتچى پارتىيەدىن نامزات نامزاتى بولغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئىگىلىنىشىچە، كرىس كرىستېې ئامېرىكا سىياسىتىنىڭ دۇرۇس ئەمما، بىر قەدەر جېدەلخور كىشىلىرىنىڭ بىرى ئىكەن...

بۇ يىل 52 ياشقا كىرگەن سىياسەتچى ئۆتكەن يىلى بىر سەتچىلىككە ئارىلىشىپ قالغانىدى؛ كرىستىېنىڭ ئۆزىگە بېلەت تاشلىمىغان بىر بازار ئاھالىسىنى جازالاش مەقسىتىدە 4 كۈن بويىچە ئۇ جايدا قەستەن قاتناش قىستاڭچىلىقى چىقارغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ئەمما، ئۇ بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلماقتا.

2 – قېتىم پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان باراك ئوباما، 2016 – يىلىدىكى سايلام بىلەن تەڭ ئاق ساراي بىلەن ۋىدالىشىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر