ئەسەد قىسىملىرى بىلەن دائېش مىلىتانلىرى كەسكىن تىركەشمەكتە

سۈرىيەدە ئەسەد قىسىملىرى بىلەن دائېش مىلىتانلىرىنىڭ كەسكىن تىركىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

323449
ئەسەد قىسىملىرى بىلەن دائېش مىلىتانلىرى كەسكىن تىركەشمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ ھاسەكى شەھىرىدە ئەسەد قىسىملىرى بىلەن دائېش ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رايوندا 60مىڭ كىشنىڭ باشقا جايلارغا كۆچۈپ كەتكەنلىكىنى، بۇنىڭدىن كېيىن يەرلىكلەرنىڭ كۆچۈش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.
سۈرىيەدە دائېش مىلىتانلىرىنىڭ ھاسەكە شەھىرىدىكى ئازىزىىيە رايونىنىڭ بىر قىسمىنى قولغا كىرگۈزۈشىگە قارىتا، خەلق كۈرتلەرنىڭ قولىدىكى كامىشلى رايونىغا قېچىشقا باشلىدى.
سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ نازارىتىدىكى ھاسەكەنىڭ جەنۇبىي ۋە شەرقىي قىسىملىرى بىلەن غەربىي نىشاۋا رايونىدا توقۇنۇشلارنىڭ يۈز بېرىشىگە قارىتا، مىڭلارچە ئائىلىنىڭ شەخسىي ئاپتوموبىللىرى بىلەن 70 كىلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى كامىشلىغا كۆچۈپ كەتمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر