ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا ھەر يىلى ئېلان قىلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىمۇ تىلغا ئېلىندى.

320453
ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ بۇ يىلقى كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا، كۇبا بىلەن ئىران ئىزچىل كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلغان دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. دوكلاتنىڭ ئوتتۇرا شەرق بۆلۈمىدە، سۈرىيە، ئىراق، سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر، ئىسىرائىلىيە ۋە بەھرەين قاتارلىق دۆلەتلەردىكى كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلىش ئەھۋاللىرى تىلغا ئېلىندى. ئاسىيا بۆلۈمىدە بولسا، خىتاي، شىمالىي كورېيە، پاكىستان ۋە ئافغانىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە كەڭ ئورۇن بېرىلدى.
دوكلاتتا، سۈرىيەدىكى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ پۇقرالارغا قارشى ئۆتكۈزگەن جىنايەتلىرى ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئىنسان قىلىپىدىن چىقىپ كەتكەن ۋەھشىي ئۇسۇللىرى ئەڭ باشتىن ئورۇن ئالدى.
ئوتتۇرا شەرق بۆلۈمىدە، ئىسىرائىلىيەدىكى پۇقرالار نىشان قىلىنغان ھۇجۇملار، ئەرەبلەرگە قارىتىلغان سىستېمىلىق ئايرىمىچىلىق، مائارىپ ۋە ىىزمەت ھاياتىدىكى پۇرسەت باراۋەرسىزلىكى، مۇساپىرلار ۋە كۆچمەنلەرنى كەمسىتىش خاھىشلىرى تەنقىد قىلىندى. دوكلاتتا، مىسىر، نىگېرىيە، سۇدان ۋە جەنۇبىي سۇداندا كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ ئەھۋاللارنىڭ بارلىقى تەكىتلەندى. بىرمادىكى ئاراكان مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان زوراۋانلىقلار ۋە ئايرىمىچىلىقلار، ئادالەتسىز بولغان پۇقرالىق قانۇنى، خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ ئادەم ئۆلتۈرگەنلىكى، خالىغانچە ئادەم تۇتۇپ، قىيىن – قىستاققا ئالغانلىقى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە كەڭ ئورۇن ئاجرىتىلدى.
دوكلاتتا، شىمالىي كورېيە كىشىلىك ھوقۇق تارىخى نۇقتىسىىدىن «ئەڭ ناچار» دۆلەت كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈلدى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنىڭ ئارقىسىدىنلا، ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى تەنقىد قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر