خىتاي ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىغا نارازىلىق بىلدۈردى

خىتاي ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، «2014 – يىللىق ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى» نى ئېلان قىلدى.

320804
خىتاي ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئاخبارات مەركىزىي ئامېرىكا 25 – ئىيۇن ئېلان قىلغان كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىغا جاۋابەن «2014 – يىللىق ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى» نى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ دوكلاتىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى.
خىتاينىڭ دوكلاتىدا، ئامېرىكىنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋاللىرىنى تەنقىد قىلغانلىقى، ئەمما ئۆزىنىڭ قورقۇنچلىق كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە نىسبەتەن ھېچقانداق پۇشايمان قىلىش ياكى ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش نىيىتىنىڭ يوقلۇقى تەكىتلەندى. ئۆزىنى «كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىسى» دەپ قارايدىغان ئامېرىكىنىڭ، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئۆزگەرتىشتە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلمىغانلىقى، بىراق باشقا دۆلەتلەرگە نىسبەتەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى پەيدا قىلىش بىلەن ئاۋارە بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
خىتاينىڭ دوكلاتىدا، ئامېرىكىدا ئىرقىي ئايرىمىچىلىق ۋەقەلىرىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقى، قىيىن – قىستاق قىلىش، بارغانسېرى ئومۇملىشىۋاتقان كىشىلەرنىڭ قورالغا ئىگە بولۇش مەسىلىلىرى ۋە مۇۋاپىق بولمىغان قورال ئىشلىتىش ۋە پۇقرالار ھەق – ھوقۇقىغا تەھدىت سېلىش، مەخپىي ئاڭلاش، ھەمدە ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ، ئامېرىكىنىڭ ياخشى ئويلىنىشى كېرەك بولغان مەسىلىلەر ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.
خىتاينىڭ دوكلاتىدا يەنە، مىسسۇرى ئىشتاتىدا بىروۋىن ئىسىملىك قارا تەنلىك ياش ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، نىيۇ يورك ۋە مىسسۇرىدىكى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ بىروۋىننى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن «ئاق تەنلىك» ساقچىنى جازالىمىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەندى.
ئامېرىكا 25 – ئىيۇن ئېلان قىلغان كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئادەتتىكى ئەھۋالدەك بېسىم ئاستىغا ئېلىنىشى، خىتايدا ئونمىڭلارچە سىياسىي مەھبۇسنىڭ بارلىقى، پارىخورلۇق ۋە ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش قىلمىشلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىشقا ئۇرۇنغان كىشىلەرنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشى ۋە ناچار خىزمەت شارائىتلىرى قاتارلىق مەسىلىلەر تەنقىد قىلىنىپ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى سۈپىتىدە رەتكە تىزىلغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر