ئامېرىكا خىتاينىڭ تور ھۇجۇملىرىدىن قايغۇرماقتا

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە ئىنتېرنېت تور ھۇجۇمى قىلمىشلىرى توغرىسىدىكى قايغۇلىرىنى ئەڭ يۇقىرى ئورۇندىن يەتكۈزدى.

319385
ئامېرىكا خىتاينىڭ تور ھۇجۇملىرىدىن قايغۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت باراك ئوباما ئامېرىكا – خىتاي ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىساد دىيالوگ يىغىنى ئۈچۈن ۋاشىنگتونغا كەلگەن خىتاي ئەمەلدارلىرىغا، خىتاينىڭ ئىنتېرنېت تور ھۇجۇمى توغرىسىدىكى ئەندىشىلىرىنى يەتكۈزدى.
ئۆتكەنكى ھەپتىلەردە ئامېرىكىنىڭ فېدېراتسىيە ئورگانلىرى، ئىستىخبارات ۋە ھەربىي ساھەلەردىكى خىزمەتچىلەرگە ئائىت مۇھىم ئۇچۇرلارنىڭ ئوغرىلانغانلىقىنى ئېلان قىلىشى بىلەن، ھەممىنىڭ دىققىتى خىتايغا مەركەزلەشكەن ئىدى. بۇ قېتىمقى تور ھۇجۇمىنىڭ خىتاي خاككېرلىرى تەرىپىدىن قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولۇپ، خىتاي ئەيىبلەنگەن ئىدى.
پايتەخت ۋاشىنگتوندا ئىككى كۈن داۋاملاشقان ئامېرىكا – خىتاي ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىساد دىيالوگى يىغىنىدا، بۇ مەسىلە يەنە كۈنتەرتىپكە كەلدى. ئاقساراي ئېلان قىلغان يازما باياناتتا، پىرېزىدېنت باراك ئوبامانىڭ خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، خىتاي خاككېرلىرىنىڭ تور ھۇجۇمى بىلەن جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىلىرىدىكى ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، باراك ئوباما بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى ۋەزىيەتنى پەسەيتىش ئۈچۈن كونكرېت قەدەملەرنى بېسىشقا چاقىرغان. ئۇ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنى سېنتەبىر ئېيىدا ئاقسارايدا كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئالدىراۋاتقانلىقىنىمۇ ئەسكەرتكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر