NSA نىڭ ئوغرىلىقچە تىڭشاش سەتچىلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى

ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى (NSA) نىڭ ئوغرىلىقچە تىڭشاش سەتچىلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى.

319399
NSA نىڭ ئوغرىلىقچە تىڭشاش سەتچىلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:Wikileaks، NSA نىڭ فىرانسىيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتلىرىدىن جاك شىراك، نىكولا ساركوزى بىلەن ھازىرقى پىرېزىدېنتى فرانسۇئا ئولاندنى ئوغرىلىقچە تىڭشىغانلىقىنى پاش قىلدى.
ئامېرىكىنىڭ ئوغرىلىقچە تىڭشاش قىلمىشلىرىنى قوبۇل قىلىشنىڭ ئەسلا مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن فىرانسىيە پارلامېنتى بولسا، تالاش – تارتىشلارنىڭ مەركىزىدىكى ئۆزىنىڭ تىڭشاش قانۇن تەكلىپىنى ماقۇللىدى.
فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹ Liberation › گېزىتى»، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پارىژ باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدە ئوغرىلىقچە تىڭشاش مەركىزى قۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
سەتچىلىكنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىن كېيىن پىرېزىدېنت فرانسۇئا ئولاند، دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى جىددىي يىغىنغا چاقىردى.
جاسۇسلۇق سەتچىلىكىنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى، فىرانسىيەنىڭ دۆلەتنىڭ مىللىي بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەئەتلىرىگە تەھدىت سالىدىغان ھەرىكەتلەرگە ھەرگىزمۇ يول قويالمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. مىللىي ئاخبارات مەسلاشتۇرغۇچىسىنى دەرھال ۋاشىنگىتونغا ئەۋەتكەن پارىژ ھۆكۈمىتى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن بۇنىڭدىن كېيىن جاسۇسلۇق قىلماسلىق توغرۇلۇق يازما كاپالەتنامە بېرىشىنى تەلەپ قىلماقتا. ئامېرىكىنىڭ پارىژ باش ئەلچىسى فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرىلدى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بولسا دەۋالارنى قىسمەن رەت قىلدى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى باياناتچىسى نېد پرايز، سابىق پىرېزىدېنتلار ۋە ئۆتمۈشتىكى ۋەقەلەر توغرۇلۇق توختالماستىن، «پىرېزىدېنت فرانسۇئا ئولاند نىشانىمىز ئەمەس، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر