مېرس بىلەن يۇقۇملنىلىپ 471 كىشى ئۆلدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باياناتچىسى كرىستىن لايندمېر، يۇقتۇرما ئوتتۇرا شەرق نەپەسلىنىش ئۇنىۋېرسال كېسىلى يەنى مېرس تۈپەيلى 2012 – يىلدىن تارتىپ ھازىرغىچە پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدا 471 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى جاكارلىدى.
315896
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لايندمېر، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئۈچىنچى يىلىغا قەدەم قويغان مەزگىلدە، ھازىرغىچە 1334 مىڭ كىشىنىڭ مېرس ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملغانغانلىقىنىڭ ئېنىقلاپ چىقىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
«مېرس» دەپ ئاتالغان «يۇقتۇرما ئوتتۇرا شەرق نەپەسلىنىش ئۇنىۋېرسال كېسىلى»، تۇنجى قېتىم 2012 - يىلى سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئوتتۇرىغا چىققانىدى.
مېرس بىلەن يۇقۇملىنىش ۋە ئۆلۈم ھادىسىلىرىنىڭ كۆپىنچىسىمۇ سەئۇدى ئەرەبىستاندا كۆرۈلدى.