مىسىر، رەفاھ چېگرا ئېغىزىنى قوش يۆنىلىشلىك ئاچتى

مەسئۇللار كۆپىنچىسى بېمارلاردىن تەشكىل تاپقان 12 مىڭغا يېقىن غەززە خەلقىنىڭ چېگرادىن ئۆتۈش ئۈچۈن ئۆچرەت ساقلاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

315910
مىسىر، رەفاھ چېگرا ئېغىزىنى قوش يۆنىلىشلىك ئاچتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رەفاھ چېگرا ئېغىزىنىڭ پەيشەنبە كۈنىگە قەدەر ئوچۇق بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
غەززەدىكى ئالاقىدار مەسئۇللار چېگرا ئېغىزىنىڭ داۋاملىق ئوچۇق تۇرۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە ئالاھىدە چاقىرىقتا بولدى.
مەسئۇللار كۆپىنچىسى بېمارلاردىن تەشكىل تاپقان 12 مىڭغا يېقىن غەززە خەلقىنىڭ چېگرادىن ئۆتۈش ئۈچۈن ئۆچرەت ساقلاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
2006 – يىلىدىن بۇيان ئىسرائىلىيەنىڭ قورشاۋىدا تۇرۇۋاتقان غەززەنىڭ جەمئىي 7 چېگرا ئېغىزى بولۇپ، بۇلاردىن رەفاھ چېگرا ئېغىزىدىن باشقا قالغان 6 ئېغىزنىڭ ھەممىسى ئىسرائىلىيەنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا.
مىسىر دائىرىلىرى 2013 – يىلدىكى ھەربىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن رەفاھ چېگرا ئېغىزىنى تاقىۋەتكەن ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ھەر يىلى بىر قانچە قېتىم، ناھايىتى قىسقا ۋاقىتلىق، بەزىدە تاق يۆنىلىشلىك شەكىلدە پات - پات ئېچىپ كەلمەكتە. ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 13- ئىيۇندا قوش يۆنىلىشىلىك ئېچىلغان ۋە بىر ھەپتە ئوچۇق تۇرغان ھەمدە بۇ جەرياندا غەززەدىن 3816 كىشى مىسىرغا ئۆتكەن ئىدى.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر