كورېيە مۆجىزە خاراكتېرلىك ۋاكسىنا ئىجاد قىلغانلىقىنى جار سالدى

شىمالىي كورېيە راككا تاقابىل تۇرالايدىغان مۆجىزە خاراكتېرلىك ۋاكسىنا ئىجاد قىلغانلىقىنى جار سالدى.

313706
كورېيە مۆجىزە خاراكتېرلىك ۋاكسىنا ئىجاد قىلغانلىقىنى جار سالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە مېرس، ئېبولا، راك ۋە HIV ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرالايدىغان مۆجىزە خاراكتېرلىك بىر ماددا تېپىپ چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
شىمالىي كورېيە رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى مېرس، ئېبولا، تۇبېركۇليوز. HIV ۋە راككا تاقابىل تۇرالايدىغان ماددىنىڭ نامىنىڭ «كۇمداڭ-2 »ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
ماددىنىڭ ھامىيلىق دەۋرىدە پەيدا بولىدىغان كۆڭلى ئېلىشىشقىمۇ پايدا قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. بۇ ماددىنىڭ ئىچىدە بولۇپمۇ ئاسىيادا ئۆسىدىغان ۋە شىپالىق ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن گىسېڭ ئۆسۈملۈكتىن باشقا، ئاز ئۇچرايدىغان ئېلېمنتلار بارلىقى قەيت قىلىندى.
1989-يىلدىن باشلاپ بۇ ماددا ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، بۇ ماددىنىڭ ئىممۇنت كۈچىنى قۇۋەتلەيدىغانلىقى، ھەتتا ناچار ۋىرۇسلارغا تاقابىل تۇرالايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
شىمالىي كورېيەنىڭ قوشنىسى جەنۇبىي كورېيە مېرس ۋىرۇسىغا قارشى كۈرەش قىلماقتا. كورونا ۋىرۇسى سەۋەب بولغان يۇقۇملۇق كاناي ياللۇغى سەۋەبىدىن 2 كىشى قازا قىلغان جەنۇبىي كورېيەدە، مېرس تۈپەيلى قازا قىلغانلارنىڭ سانى 27گە يەتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر