جەنۇبىي كورېيەدە مېرس 23 كىشىنىڭ جېنىغا زامېن بولدى

جەنۇبىي كورېيەدە مېرس بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 23 كە يەتتى.

308270
جەنۇبىي كورېيەدە مېرس 23 كىشىنىڭ جېنىغا زامېن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە سەھىيە مىنىستىرلىقى، مېرس ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 160 تىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى جاكارلىدى.
مېرس ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى بار دەپ قارىلىۋاتقان 6 مىڭ 700 دىن ئارتۇق كىشى دوختۇرخانىلاردا كۆزىتىلمەكتە.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مەسئۇللىرى، ۋىرۇسنىڭ ھازىرچە خەلقئارالىق جىددىي بىر مەسىلە ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.
مېرس تۇنجى قېتىم سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان 950 كىشىدىن 412 سى ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر