ئىراق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىتايدا زىيارەتتە بولدى

ئىراق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىبراھىم جافەرى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشتى.

307646
ئىراق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىتايدا زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىراق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىبراھىم جافەرى بېيجىڭدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەن. كۆرۈشۈشتە، ۋاڭ يى خىتاينىڭ ئىراقنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشقا داۋاملىق ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كۆرۈشۈشتە يەنە، ئىككى تەرەپ تەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارالىق ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنغان بولۇپ، ۋاڭ يى ئىراقتىن خەلقئارالىق ۋە رايونلۇق مەسىلىلەردە تېخىمۇ كۆپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتقان.
ۋاڭ يى خىتاينىڭ يىپەك يولىنى قايتىدىن گۈللەندۈرۈش لايىھەسى بولغان «بىر بەلباغ، بىر يول» پىلانى رامكىسىدا، ئىراقنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىنى تېزلەشتۈرۈش مەقسىتىدە ئېنېرگىيە، ئۇل – ئەسلىھە ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان ساھەلەردە ئۆزئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېرەكىلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئىراق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىبراھىم جافەرى بولسا، خىتاينىڭ ئىراقنى كۈچلۈك شەكىلدە قوللىغانلىقىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئىراقنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىدە كۆپلىگەن ساھەلەر بويىچە ئۆزئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن خىتايغا يېتىپ بارغان ئىبراھىم جافەرىنىڭ بۈگۈن (17 – ئىيۇن) زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئىراققا قايتىشى كۈتۈلمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر