ياۋروپا ئىتتىپاقى لاتىن ئامېرىكىسى باشلىقلار يىغىنى ئاخىرلاشتى

بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا چاقىرىلغان ياۋروپا ئىتتىپاقى لاتىن ئامېرىكا ۋە كارىپ ئەللىرى ئورتاق گەۋدىسى باشلىقلار يىغىنى ئاخىرلاشتى.

302212
 ياۋروپا ئىتتىپاقى لاتىن ئامېرىكىسى باشلىقلار يىغىنى ئاخىرلاشتى

كىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇدا 2 كۈن داۋاملاشقان ۋە 60 كۆپ دۆلەتنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى ئىشتىراك قىلغان يىغىندا، كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە تەشكىللىك جىنايەت قىلمىشلىرىغا قارشى كۈرەشتىن سىجىل ئىقتىسادىي تەرەققىيات مەسىلىلىرىگىچە كۆپلىگەن ساھەلەردە ئورتاق ئىستىراتېگىيەنى يولغا قويۇش قارارلاشتۇرۇلدى. يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان ئورتاق باياننامىدە، سىياسىي دىيالوگنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، دۆلەتلىك ۋە خەلقئارالىق تەرەققىياتقا ھەسسە قوشىدىغان لايىھەلەر ئۈستىدە خىزمەت ئىشلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىندى. 2016 – يىلى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى سەۋىيەسىدە يىغىن چاقىرىلىپ، مەۋجۇت ھەمكارلىق مېخانىزملىرىنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈلۈشى ۋە يېڭى ئىستىراتېگىيە بەلگىلەپ چىقىلىشى توغرىلىقمۇ قارار ئېلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر