خىتاينىڭ ئىنتېرنېت ئارمىيەسى دۇنياغا تەھدىت سالماقتا

خىتاينىڭ ئىنتېرنېت ئارمىيەسىنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا جاسوسلۇق پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ دۇنيانى ئەندىشىگە سېلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

301034
خىتاينىڭ ئىنتېرنېت ئارمىيەسى دۇنياغا تەھدىت سالماقتا

تۈركىيەدە چىقىدىغان ساباھ گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىنتېرنېتنىڭ ئەھمىيىتىنى يىللار ئىلگىرى تونۇپ يېتىپ قۇرۇپ چىققان سىبەر ئارمىيەلىرى، نۆۋەتتە ئامېرىكا قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەت تەرىپىدىن تەھدىت سۈپىتىدە قارالماقتا. ئامېرىكا بۇ جەھەتتە خىتاي ئۈستىدىن 11 قېتىم سوتقا ئەرز قىلدى.
خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى 2000-يىللاردىن بۇيان سىبەر دۇنياسىدىكى تەسىر دائىرىسىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتىپ، زەربە بېرىش ۋە مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ بۇ ساھەدە بىرىنچى قاتارغا ئۆتتى. ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە بولۇپ نۇرغۇن دۆلەت خىتاينىڭ مەۋھۇم تور دۇنياسىدىكى بۇ تەرەققىياتىدىن بىئارام بولماقتا. بۇ سەۋەبتىن ئامېرىكا خىتاينى جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلەپ سوتقا 11 قېتىم ئەرز قىلدى.
خىتاي ھاكىمىيىتى تىبەت، ئۇيغۇر ئېلى ۋە چەت ئەلدا ئۆزىگە قارشى كۈندىن-كۈنگە ياڭراۋاتقان ئۆكتىچى ئاۋازلارنى بېسىقتۇرۇش ياكى پۈتۈنلەي يوق قىلىش ئۈچۈن مىڭلارچە كىشىنى ياللاپ ئىشلەتمەكتە. 1994-يىلى خىتاي دۆلەتلىك تور تەشكىلاتى قۇرۇپ چىقتى. 618 مىليون ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىسىگە ئىگە بولغان خىتاي، دۆلەت ئىچىدىكى تور دۇنياسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە، تىزگىنلەشنىمۇ بارغانچە كۈچەيتمەكتە.
ئىنتېرنېت ئالدىنقى قاتاردىكى مەسىلىلەردىن ھېسابلىنىدۇ، بۇنىڭغا بىنائەن خەۋپسىزلىك ۋە مۇداپىئە ئەڭ مۇھىم مەسىلە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. چېگرا ئىچىدە بولسا ئىچكى بىخەتەرلىك تولىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، Norton Cybercrine مەركىزىنىڭ 2013-يىللىق دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، خىتايدا سىبەر جىنايەت 83%كە يەتكەن. ھەر كۈنى بىر مىليون خىتاي پۇقراسىنى نىشانغا ئېلىنىدىكەن، خىتاينىڭ تەشۋىقات پائالىىيەتلىرى دائىرىسىدە يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان نازارەت ۋە تىزگىنلەش سىياسىتى مەملىكەت سىرتىدا ئىلمىي جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىگە ئۆزگىرىدىكەن. بۇ ئەھۋال خىتايغا يەنە ئۆزىگە قارشى ئۆكتىچىلەرنىڭ پائالىىەتلىرىنىمۇ يېقىندىن كۆزىتىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرمەكتە. خىتاينىڭ سىبەر ئارمىيەلىرىنىڭ تېخى تۈنۈگۈنگىچە ۋىرۇس كىرىۋېلىش مۇمكىن بولمايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن سۈرگۈندىكى تىبەت ھاكىمىيىتى ئىشلەتكەن تېخنولوگىيىلىك سىستېمىغا سىڭىپ كىرگەنلىكى مەلۇم.
خىتاينىڭ مەملىكەت سىرتىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تېلېگراف شىركەتلىرىدىن ياردەم ئېلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. 140 دۆلەتتە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خۇاۋېي گۇرۇھى ھەممىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. شىركەت قۇرغۇچىسى رېن جېڭفېينىڭ بۇرۇن خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىدە ۋەزىپە ئۆتكەنلىكى بۇ قاراشلارنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خۇاۋېي تەربىيلەپ چىققان «تىرۇۋا ئاتلىرى» ۋە جاسۇسلۇق يۇمشاق دېتال پىروگراممىلىرى بىلەن سانائەت، پۇل-مۇئامىلە ۋە بىلىم دۇنياسىغا مۇناسىۋەتلىك ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە مەلۇمات ۋە ئۇچۇرلارغا ئېرىشىۋاتقانلىقىنى، مۇداپىئە ۋە خەۋپسىزلىك ساھەسىدە بولغۇسى ئۇرۇش ئەھۋالىدا ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى بولغان ئېنېرگىيە سىستېمىلىرى، سۇ سىستېمىلىرى قاتارلىق مۇھىم نۇقتىلارنى نىشانغا ئالىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر