ئىسىرائىلىيە ئەسكەرلىرى جەنىن لاگېرىدا ئوق چىقاردى

ئىسىرائىلىيە ئەسكەرلىرى جەنىن مۇساپىرلار لاگېرىدا ئوق چىقىرىپ، 21 ياشلىق پەلەستىنلىك بىر ياشنى ئۆلتۈرۈۋەتتى.

299863
ئىسىرائىلىيە ئەسكەرلىرى جەنىن لاگېرىدا ئوق چىقاردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان جەنىن مۇساپىرلار لاگېرىدا ئوق چىقىرىپ، بىر پەلەستىنلىك ياشنى ئۆلتۈرۈۋەتتى.
ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىغا ئاساسلانغاندا، لاگېرغا باستۇرۇپ كىرگەن ئەسكەرلەرگە قارشى كۆرسەتكەنلەر ئوققا تۇتۇلغان ۋە 21 ياشلىق ئىززەددىن گارانىڭ كۆكىرىكىگە ئوق تېگىپ دوختۇرخانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان.
پەلەستىن پارلامېنتىنىڭ باشلىقى ئازىز دۇۋەيك ئىسىرائىلىيە تۈرمىسىدىكى بىر يىللىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئەركىنلىككە چىقتى. ئۇ 2014-يىلى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا غايىپ بولغان ئۈچ يەھۇدىي كۆچمەننىڭ جەسىتى تېپىلىشى بىلەن باشلانغان كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەتتە قولغا ئېلىنغان ئىدى. ئۇ 12 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.
ئىسىرائىلىيە تۈرمىلىرىدە 12 پەلەستىنلىك پارلامېنت ئەزاسى ياتماقتا.
بۇ جەرياندا، ئىسىرائىلىيەدە قانۇنسىز ھالدا قولغا ئېلىنغان ۋە بىر قانچە ھەپتىدىن بۇيان «ئۆلۈم روزىسى» تۇتقان ئۈچ پەلەستىنلىك ئىچىدىكى ھايدار ئادناننىڭ ئەھۋالىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
پەلەستىن ھۆكۈمىتى 36 كۈندىن بۇيان «ئۆلۈم روزىسى» تۇتۇۋاتقان ھايدار ئادناننىڭ ئۆلۈمىگە ئىسىرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇل ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ئىسىرائىلىيە قانۇنى گۇماندارلارنى سوتقا تارتماستىن ئالتە ئايغىچە تۇتۇپ تۇرۇشقا ۋە بۇنى يەنە ئالتە ئايدىن بىر قانچە قېتىم ئۇزارتىشقا يول قويىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر