ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ تور بېتى خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ تور بېتى سۈرىيە ئىلېكتىرون ئارمىيەسى ناملىق خاككېرلار گۇرۇھىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

297784
ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ تور بېتى خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە بەششار ئەسەدنى قوللاپ كېلىۋاتقان سۈرىيە ئىلېكتىرون ئارمىيەسى ناملىق خاككېرلار گۇرۇھى، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ رەسمىي تور بېتىنىڭ خاككېرلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئامېرىكا دۆلەت ئارمىيەسى تور بېتىنىڭ خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، تور بېتىنىڭ بىخەتەرلىكى كۆزدە تۇتۇلۇپ ۋاقتىنچە توختىتىپ قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
باياناتتا سىبەر ھۇجۇم سەۋەب بولغان ئىقتىسادىي زىيانلار ۋە ھۇجۇمنىڭ كىملەر تەرىپىدىن سادىر قىلىنغانلىقى توغرۇلۇق مەلۇمات بېرىلمىدى.
سۈرىيەگە قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغان دۆلەتلەرنىڭ تور بەتلىرىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن نام چىقارغان خاككېرلار گۇرۇھى، ئىلگىرىمۇ بەزى مېديا ئورگانلىرىغا ھۇجۇم قىلغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر