ئەنگلىيە دائېشقا زەربە بېرىش ئۈچۈن يەنە نۇرغۇن ئەسكەر ئاجراتتى

ئەنگلىيە دائېشقا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە ئىراق ئەسكەرلىرىگە ھەربىي تەلىم بېرىش مەقسىتىدە ئەسكەر ئاجرىتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

296861
ئەنگلىيە دائېشقا زەربە بېرىش ئۈچۈن يەنە نۇرغۇن ئەسكەر ئاجراتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە دائېشقا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە ئىراق بىخەتەرلىك كۈچلىرىگە ھەربىي تەلىم-تەربىيە بېرىش ئۈچۈن، بۇ دۆلەتكە يەنە 125 ھەربىي خادىم ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ئەنگلىيە باش مىنىستىرى دېيۋىد كامېرۇن، گ-7 دۆلەت گۇرۇھى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن يېتىپ كەلگەن گېرمانىيەدە بايانات بېرىپ، ئىراقتا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىككىنچى چوڭ دۆلەت ئىكەنلىكلىرىنى، سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەرنىمۇ قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «ئىراق ئارمىيەسىگە ھەربىي تەلىم-تەربىيە بېرىش ئۈچۈن يەنە 125 ئەسكەر ئەۋەتىمىز.» كامېرۇن ھەربىي خادىمنى قاچان ئەۋەتىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات بەرمىدى.
ئىراق باش مىنىستىرى ئابادى ئىراق مىقياسىدا مەيدانغا كېلىپ تۇرىدىغان ئادەم بومبا ھۇجۇملىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئەنگلىيەدىن ياردەم تەلەپ قىلغانىدى، ئەنگلىيە ئابادانىڭ تەلىپىگە بىنائەن يول بويىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبىلارنى ئېلىۋېتىش ۋە پىستىرمىلارنى يوق قىلىش جەھەتلەردە ئىراقلىق ئەسكەرلەرگە ھەربىي-تەلىم بېرىدۇ.
ئەنگلىيە بۇ قېتىم ئەسكەر ئەۋەتكەن تەقدىردە ئەنگلىيەنىڭ ئىراقتىكى ئەسكەر سانى 300گە يېتىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر