ئىراقتا 35 ئى ش ئى د مىلىتانى ئۆلتۈرۈلدى

ئىراقنىقڭ ئەنبار، سالاھىىن ۋە نىنوۋا شەھەرلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە 35 ئى ش ئى د مىلىتانى ئۆلدى، 7 سى يارىلاندى.

294901
 ئىراقتا 35 ئى ش ئى د مىلىتانى ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتقا كۆرە، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئەنبارنىڭ گەرمە ناھىيەسىدىكى 8 نىشانغا ئېلىپ بارغان ھۇجۇملاردا 8 مىلىتان ئۆلگەن، 4 ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان بومبىلار پاچاقلاپ تاشلانغان.
سالاھىدىننىڭ ئەل مەزرا ۋە ئەل مالىھا رايونلىرىدا بولسا 25 مىلىتان ئۆلتۈرۈلگەن، 5 ى يارىلانغان، سەييىد غارىب رايونىدا 4 ئوق - دورا ئىسكىلاتىدىكى 27 پارتلاتقۇچ پاچاقلاپ تاشلانغان، نىنوۋادا ئى ش ئى د مىلىتانلىرى بىلەن پەشمەرگە كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا 2 مىلىتان ئۆلگەن، 2 مىلىتان بىلەن 4 پەشمەرگە يارىلانغان.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر