ئامېرىكا دائېشنى ئەمەس، ئىراق ئەسكەرلىرىنى بومباردىمان قىلدى

ئامېرىكا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى دائېشنىبومباردىمان قىلدىم دەپ، خاتا ھالدا ئىراق ئەسكەرلىرىنى بومباردىمان قىلدى.

294394
ئامېرىكا دائېشنى ئەمەس، ئىراق ئەسكەرلىرىنى بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقتا ئامېرىكىنىڭ رەھبەرلىكىدە دائېشقا قارشى ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىۋاتقان ئىتتىپاقداش ئارمىيەگە تەۋە ئايروپىلانلار خاتا ھالدا ئىراق ئەسكەرلىرىنى ۋە شىئە خەلق پىدائىيلىرىنى بومباردىمان قىلدى.
ئىراق ئارمىيە مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا كۆرە، فەللىجەدىن 10 كىلومېتىر ئۇزاقلىققا جايلاشقان ئارمىيە بازىسىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىنغان. ئىتتىپاقداش ئارمىيەگە تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرنىڭ خاتا ھالدا رايوننى بومباردىمان قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن مەنبەلەر، بۇ ھۇجۇمدا شىئە پىدائىيلارغا تەۋە ھاشد ئەششابى قىسىملىرىدىن 5 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى، 7 كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇمدا 5 ھەربىي ئاپتوموبىل پاچاقلاپ تاشلانغان ھەمدە رايوندىكى نۇرغۇن بىنالار ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان.
ئىراقتا دۆلەت ئارمىيەسى ۋە ساقچلىرىدىن باشقا يەنە، شىئە خەلق پىدائىيلىرىدىن تەشكىل تاپقان ھاشد ئەششابى قىسىملىرى ۋە بىر قىسىم قەبىلىلەر دائېشقا قارشى بىرلىكتە ئۇرۇش قىلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملار بۇلارغا ھاۋادىن ياردەمدە بولماقتا ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر