خىتايدىكى پاراخوت پاجىئەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 396 گە چىقتى
جەمئىي 456 كىشىنى ئېلىپ ماڭغان پاراخوتتىن 396 كىشىنىڭ جەسىتى تېپىپ چىقىلدى. 14 كىشى قۇتقۇزۇپ قىلىندى.
294145
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتايدا سۇغا غەرق بولغان پاراخوتتا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 396 گە چىقتى.
دۈشەنبە كۈنى چاڭجياڭ دەرياسىدا سۇغا غەرق بولغان پاراخوتتىن ئۈمىد ئۈزۈلگەندىن كېيىن ئىزدەپ قوتقۇزۇش خىزمەتلىرىمۇ ئاخىرلاشتى.
جەمئىي 456 كىشىنى ئېلىپ ماڭغان پاراخوتتىن 396 كىشىنىڭ جەسىتى تېپىپ چىقىلدى. 14 كىشى قۇتقۇزۇپ قىلىندى.
ئېغىرلىقى 2 مىڭ 200 توننا كېلىدىغان پاراخوت 500 توننا ئېغىرلىق كۆتۈرەلەيدىغان كىرانلار بىلەن ھەرىكەتلەندۈرگىلى بولىدىغان ھالغا كەلتۈرۈلدى. بۇ جەرياندا، ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن 200 كىشىدىن DNA ئۆرنەكلىرى ئېلىندى.