گانادىكى پارتلاشتا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 150 كە يەتتى
گانانىڭ پايتەختى ئاقرادا بىر ماي قاچىلاش پونكىتىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 150 كە يەتتى.
293407
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋەقەدىن كېيىن دۆلەتتە 3 كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلىندى.
پارتلاشنى ماي قاچىلاش پونكىتىغا يېقىن دەم ئېلىش مۇئەسسەسەسەلىرىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى جاكارلاندى.
ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ماي قاچىلاش پونكىتىدىكى بېنزىننىڭ قاتتىق يامغۇردىن كېيىنكى سەل سۇلىرىدا سۈرۈلۈشى نەتىجىسىدە ئوت ئاپىتى كېلىپ چىققان ھەمدە ئوت ئەتراپتىكى بىنالارغا تۇتىشىپ كەتكەن. ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ كۆپىنچىسى قاتتىق يامغۇردىن قېچىش ئۈچۈن ماي قاچىلاش پونكىتىغا كىرىۋالغانلار ئىكەن.
گانا پىرېزىدېنتى جون ماھاما پالاكەتتىن كېيىن زىياننى تولدۇرۇۋېلىش ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى خىزمىتى ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭ تەخمىنەن 12 مىليون دوللار ئاجراتقانلىقىنى ئېيتتى.