ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەگە ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە رايونىدىن ئىسرائىلىيەنىڭ جەنۇبىغا راكېتامىيۇت تاشلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

292655
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەگە ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى كېيىنچە غەززەگە ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە رايونىغا تاشلانغان راكېتامىيۇتلارنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ جەنۇبىنى نىشان قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
راكېتامىيۇتلاردىن كېيىن ئاشكېلون ۋە نېتىۋوتتا ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىندى. بىراق بىرەر زىيان كۆرۈلمىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
راكېتامىيۇت تاشلىنىپ بىرقانچە سائەت ئۆتكەندىن كېيىن ھاييالە ۋە شىمالدىكى خان يۇنۇس شەھىرىدە قەسسام قىسىملىرىغا ئائىت ھەربىي بازىلار بومباردىمان قىلىندى. بومباردىماندىن كېيىن ھەربىي بازىلار ئەتراپىدىكى ئۆيلەردە ئېغىر زىيان مەيدانغا كەلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر