گېرمانىيەدە ئەس-سىسگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچى سىسى گېرمانىيەدە نارازىلىققا ئۇچرىدى

292353
گېرمانىيەدە ئەس-سىسگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر پىرىزىزېنتى ئەس-سىسى رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن يېتىپ بارغان بېرلىندا پىرىزىدېنت جوكىم گاۋۇك ۋە باش مىنىستىر ئانېگېلا مېركېل بىلەن كۆرۈشتى.
ئۇلار كۆرۈشۈۋاتقاندا بىنانىڭ سىرتىدا سىسىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. قوللىرىغا «ئۆلۈم جازاسىنى توختىتىڭلار، ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى تۇرىمىز» دېگەن خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكىلارنى ئېلىۋېلىشقان مىسىرلىقلار، «بالا قاتىلى سىسى» دەپ ۋاقىراشتى.
نامايىش ئەسناسىدا رەسمىگە بۇرۇت سىزىلىپ گىتلىرغا ئوخشىتىلغان سىسى رەسىملىرىنى ساقچىلار تارتىۋالدى. سىسى گېرمانىيە باش مىنىستىرلىق بىناسىدىمۇ «چېگىرىسىز ژۇرنالىستلار تەشكىلاتى» ئەزالىرىنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر