ئامېرىكا سوتى، مۇسۇلمان قىز سامانتا ئېلاف دېلوسىغا قاراپ چىقتى

ئامېرىكا يۇقىرى سوتى، بىر كىيىم – كېچەك ماگېزىنىدا ئىشلەش ئۈچۈن سۇنغان ئىلتىماسى ياغلىق چىگىدىغانلىقى سەۋەبىدىن رەت قىلىنغان مۇسۇلمان قىز سامانتا ئېلاف دېلوسىغا مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمىنى ئېلان قىلدى.

300868
ئامېرىكا سوتى، مۇسۇلمان قىز سامانتا ئېلاف دېلوسىغا قاراپ چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سوت مەھكىمىسى، خىزمەت بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ خىزمەتچىلەر ۋە خىزمەت ئىلتىماسى سۇنغۇچىلارغا دىنىي مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىشى كېرەكلىكىگە ھۆكۈم قىلدى.

سامانتا ئېلاف، ئۆزى توغۇلۇپ ئۆسكەن ئوكلاخوما ئىشتاتىنىڭ تۇلسا شەھىرىدىكى بىر كىيىم – كېچەك ماگېزىنىنىڭ بالىلار بۆلۈمىدە ئىشلەش ئۈچۈن 2008 – يىلى 17 ياش چېغىدا ئىلتىماس سۇنغان، ماگېزىن مەسئۇللىرى، ياغلىق چېگىشنىڭ ماگېزىننىڭ كىيىم سىياسىتىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرمىغان، شۇنىڭ بىلەن، ئېلاف ماگېزىننىڭ ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنغانىدى.

تۇلسا رايونلۇق سوت مەھكىمىسى، مەزكۇر ماگېزىننى سامانتا ئېلافقا 20 مىڭ دوللار تۆلەم تۆلەشكە ھۆكۈم قىلغاندىن كېيىن، ماگېزىن قارارغا ئېتىراز بىلدۈرۈپ يۇقىرى سوتقا ئەرز سۇنغانىدى. نەتىجىدە دېلو سامانتا ئېلافقا پايدىلىق يۇسۇندا نەتىجلەندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر