ئامېرىكا جامەگە ھۇجۇم قىلىش ۋەھشىيلىكىنى ئەيىبلىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ شەرقىدىكى دەممان شەھىرىدە بىر جامەگە قىلىنغان ۋە 4 كىشىنىڭ جېنىغا زامېن بولغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى.

297997
ئامېرىكا جامەگە ھۇجۇم قىلىش ۋەھشىيلىكىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جېف راسك كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بەرگەن باياناتىدا، تېررورىستلارنىڭ ئىبادەتخانىغا ھۇجۇم قىلىشتەك ۋەھشىيلىكىدىن تولىمۇ ھەيران قالغانلىقلىرىنى بىلدۈردى. راسك، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دەممان شەھىرىدە بىر جامەگە قىلىنغان ۋە 4 كىشىنىڭ جېنىغا زامېن بولغان ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر