بۇ ياز، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ۋە رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش بار

خىتاي دائىرىلىرى  (ناتو)نىڭ ھەربىي مانىۋېرىغا قارشى ئاقدېڭىزدا رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە مانېۋىر ئۆتكۈزۈپ جاۋاب قايتۇرغان بولۇپ، ئەمدىلىكتە جەنۇبىي دېڭىزدا ئامېرىكىغا ئىتتىپاقداش قوشنا دۆلەتلەرگە ھەيۋە كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

297292
بۇ ياز، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ۋە رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ ياز، ئامېرىكا بىلەك خىتاي ۋە رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش باردەك قىلىدۇ. ئالدىمىزدىكى يازنىڭ ئىنتايىن كەسكىن توقۇنۇشلارغا تولغان ياز بولىدىغانلىقى ھەققىدە سىگناللار كەلمەكتە.
تۈركىيەنىڭ نوپۇزلۇق گېزىتى «ساباھ»تا مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجرىتىلدى: 
ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدا يىرىكچلىكلەر كەسكىنلەشمەكتە. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو)نىڭ مەلۇم بىر يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇلى، «بۇ ياز ئۇرۇشتا بولىمىز» دېدى. رۇسىيە بولسا، «ياۋروپاغا كىرىش ئۈچۈن تانكىلىرىمىزنىڭ ۋىزىغا ئېھتىياجى يوق» دېدى.
دۇنيانىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىدا كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇشلار داۋاملاشماقتا. خەلقئارالىق چوڭ كۈچلەرمۇ بىر – بىرىگە قارشى جىددىي سەپ تۈزگەن ۋەزىيەتتە تۇرماقتا.
بىر قانچە كۈن ئىلگىرى ناتونىڭ مەلۇم بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئامېرىكىنىڭ ئەڭ تەجرىبىلىك ئىستىخبارات مۇتەخەسسىسلىرىدىن جون سىچىندلېر بىلەن كۆرۈشۈپ، «بۇ يازدا ئۇرۇشتا بولىدىغاندەك قىلىمىز، ئەگەر تەلىيىمىز بولسا، بۇ ئۇرۇش يادرولۇق ئۇرۇشى بولماس» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.
جون سىچىندلېر مەنبەنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلىماستىن، يەر شارى خاراكېترلىك ئۇرۇش بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ تېز سۈرئەت بىلەن يۇقىرى كۆتۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
(ناتو)نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ مەزكۇر سۆزلىرى ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدىمۇ قىزىق مۇنازىرە قوزغىدى.
ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدا، بۇ چوڭ توقۇنۇشنىڭ ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىشى مۇمكىنلىكى قەيت قىلىنىش بىلەن بىرگە، خىتاي بىلەن ئەۋج ئېلىۋاتقان يىرىكچىلىك ۋە جىددىيچىلىكلەرمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈلدى.
ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر، تېخى بىر قانچە كۈن ئىلگىرى رۇسىيە چېگراسىغا يېقىن رايونلاردا ئەڭ چوڭ ھەربىي مانىۋېرلاردىن بىرنى ئۆتكۈزگەن ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، شىۋېيتسارىيە، گوللاندىيە، فىرانسىيە، فىنلاندىيە، نورۋېگىيە ۋە شىۋېتسىيە قاتناشقان كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ئارمىيە مانېۋىرى ھازىرمۇ داۋاملاشماقتا.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىمۇ قاتتىق يىرىكچىلىك مەۋجۇت. خىتاي دائىرىلىرى  ناتونىڭ ھەربىي مانېۋىرىغا قارشى ئاقدېڭىزدا رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە مانېۋىر ئۆتكۈزۈپ جاۋاب قايتۇرغان بولۇپ، ئەمدىلىكتە جەنۇبىي دېڭىزدا ئامېرىكىغا ئىتتىپاقداش قوشنا دۆلەتلەرگە ھەيۋە كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
ئامېرىكىمۇ جەنۇبىي دېڭىز رايونىدىكى دۆلەتلەر بىلەن چاتما مانېۋىرلارنى ئۆتكۈزمەكتە. خىتاي بولسا، ئاسىيا دېڭىزىدىكى تالاش - تارتىشلىق ئاراللارنىڭ ئىگىلىك داۋاسىنى بارغانچە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپپۇز بىلەن تىلغا ئېلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
ئامېرىكا بىلەن خىتاي ۋە رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى بۇ كەسكىن يىرىچىلىكلەرنىڭ ئۈستىگە سىياسەتچىلەرمۇ قاتتىق تەلەپپۇزدا باياناتلارنى ئېلان قىلىشماقتا.
رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى دىمىترى روگوزىن ئۆتكەن ھەپتە دۆلەت تېلېۋزىيەسىگە بەرگەن باياناتىدا: «ياۋروپاغا كىرىش ئۈچۈن تانكىلىرىمىزنىڭ ۋىزىغا ئېھتىياجى يوق» دېگەن ئىدى.



خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر