ئامېرىكا باج ئىشلىرى نازارىتىنىڭ تور بېتى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باج ئىشلىرى نازارىتىنىڭ ئىنتېرنېت سەھىپىسى تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

294824
ئامېرىكا باج ئىشلىرى نازارىتىنىڭ تور بېتى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا خەزىنە مىنىستىرلىقى دۆلەت ئىچى كىرىملىرى (باج) نازارىتىنىڭ ئىنتېرنېت سەھىپىسى تور ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، 100 مىڭ باج تاپشۇرغۇچىنىڭ توغۇلغان ۋاقتى، تۇرۇشلۇق ئادرېسى ۋە ئىجتىمائىي بىخەتەرلىك نومۇرى دېگەن خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرى ئوغرىلاپ كېتىلدى.

ئالاقىدار مەسئۇللار، 200 مىڭ كىشىنىڭ ھېساۋاتىنى قولغا چۈشۈرۈشنى نىشان قىلغان تور ھۇجۇمنىڭ فېۋرال - ماي ئايلىرى ئارىلىقىدا سادىر قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى. پىلانىنىڭ يېرىمىنى ئورۇنداپ بولغان تور بوزارلارنىڭ، باج ئىشلىرى نازارىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا زىيان يەتكۈزمىگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

سىستېمىنىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ كۈچەيتىلىدىغانلىقى تەكىتلەندى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئىنتېرنېت سەھىپىسى ۋاقىتلىق توختىتىۋېتىلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر