غەززە پاراخوتى فىرانسىيەگە يېتىپ باردى

غەززەگە قاراپ يولغا چىققان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئولتۇرغان پاراخوت فىرانسىيەگە يېتىپ باردى.

295403
غەززە پاراخوتى فىرانسىيەگە يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززەگە قارىتىلغان قامالنى بىكار قىلىش مەقسىتىدە سەپەرگە ئاتلانغان شىۋېتسىيەلىك ۋە نورۋېگىيەلىك 13 نەپەر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئولتۇرغان بېلىقچى پاراخوتى فىرانسىيەنىڭ برېست پورتىغا يېتىپ باردى.
ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەشيالىرى قاچىلانغان «مارىئاننې» ناملىق پاراخوتنى تەخمىنەن 100 كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى «ياشىسۇن پەلەستىن، ياشىسۇن غەززە، يوقالغۇن سىيونىزم!» دېگەندەك شوئارلار قارشى ئالدى.
پاراخوت، فىرانسىيەدىن كېيىن ئىسپانىيە ۋە پورتۇگالىيەنىمۇ كېسىپ ئۆتىدۇ.
11 – ماي كۈنى شىۋېتسىيەنىڭ گۆتېبورگ شەھىرىدىن يولغا چىققان مارىئاننېغا كېيىنچە يەنە ئىككى پاراخوت ھەمراھ بولىدۇ.
پاراخوتلارنىڭ غەززەگە كېلەر ئاينىڭ ئاخىرلىرى يېتىپ بېرىشى پىلانلانماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر