رەفاھ چېگرا ئېغىرى بۇ قېتىم ئىچىگە ئېچىلدى

غەززەنىڭ دۇنياغا ئېچىلىدىغان بىردىنبىر ئىشىكى بولغان رەفاھ چېگرا ئېغىزى، مىسىر تەرىپىدە كۈتۈپ يېتىۋاتقانلارنىڭ غەززە تەرەپكە ئۆتۈۋېلىشى ئۈچۈن تاق يۆنىلىشلىك ھالەتتە 2 كۈنلۈك ئېچىۋېتىلدى.

290802
رەفاھ چېگرا ئېغىرى بۇ قېتىم ئىچىگە ئېچىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رەفاھ چېگرا ئېغىزى مىسىردا دېموكراتىك ئۇسۇل بىلەن سايلانغان پىرېزىدېنت مۇھەممەد مۇرسى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق ئاغدۇرۇپ تاشلانغان 2013- يىلىنىڭ ئىيۇل ئېيىنىڭ مابەينىدە ئىنسانىي ئەھۋاللارنى ھېسابقا ئالمىغاندا تاقاق ھالەتتە تۇرۇپ كەلمەكتە.

چېگرا ئېغىزىنىڭ 86 كۈننىڭ مابەينىدە تاقاق تۇرۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلىشقان ئالاقىدار مەسئۇللارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئىنسانىي سەۋەبلەر تۈپەيلى چېگرادىن ئۆتۈشنى كۈتۈپ يېتىۋاتقانلارنىڭ سانى 15 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر